爱自己 كۆڭلۈم ئاغرىغان يەردىن ئۆرلۈپلا كىتەلمىدىم ، ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ بىلمەسكە سالدىم ، سۆيۈلۈشنى ئارزۇ قىلدىم مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارغا كىرىشۋىلىپ ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك قەدىر قىمەتلىك ئىكەنلىكمنى ئۇنۇتتۇم ، قەدىرسىزلەر كوچىسىدا سەرگەردان بۇلۇپ ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىنى ياشاپ تۈگەتتىم ، تۇرمۇش بويۇن ئەگدۈردى سۈكۈت قىلدۇردى ، قىلاممايمەن دىگەننى قىلغۇزدى ، جاندىن ئۆتكىدەك قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولغاندىمۇ چىداشنى ئۈگەتتى

